您现在的位置:

相片判读 >> 正文 >

توقسۇ ناھىيەسى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزام

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سىدىق مىجىت ئەخمەت ئىسمايىل خەۋىرى فوتوسى)8  -ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بورۇن، توقسۇ ناھىيەسى ناھىيەلىك يىغىن مەركىزىنىڭ2-نومۇرلۇق يىغىن زالىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزامى بىلىملىرى بۇيىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.  ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ج خ ئىدارىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى، ئەرزىيەت ئىدارىسى، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، مىللەت دىن ئىشلىرى كومىتېتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرى بۇ قېتىملىق زېھىن سىناش بىلىملىرى پائالىيىتىگە قاتناشتى .

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 11 كوماندا ۋەكىلى قاتناشقان بولۇپ، مەجبۇرىي جاۋاب بېرىش، ئورتاق جاۋاب بېرىش، تالىشىپ جاۋاب بېرىش، خەتەرلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قارىتا رەتكە تىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىنقى 3-لىككىچە ئېرىشكەن كوماندىلار تاللاپ چېقىلىپ، ھەر قايسى كوماندىلار دەرىجە ئايرىمىسى بۇيىچە 3000، 2000، 1000 يۈەندىن بولۇپ 13 مىڭ يۈەن  نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

       توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزىلىق پارتكومنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى ئانارگۈل ھاپىز ھاياجانلانغان ھالدا تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن توقسۇ ناھىيەمىز  تەشكىللىگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزامى بىلىملىرى بۇيىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،1-دەرىجىگە ئېرىشىپ، 3000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندىم، بۇنىڭدىن كوماندا ئەزالىرى ناھايىتى خۇشال بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مۇسابىقىلەرگە داۋاملىق تۈردە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

 مۇسابىقىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزامى»بىلىملىرى ئاساس قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىنتىزام جازاسى بېرىش نىزامى»،«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ پاك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار بىر قانچە مىزان» مەزمۇنلارمۇ قوشۇمچە قىلىندى. پۈتكۈل مۇسابىقە نەق مەيدانى جانلىق كەيپىياتقا تولدى، ماھىرلار ئۆلچەملىك راۋان جاۋابلار ئارقىلىق توختىماستىن جاۋاب بېرىپ نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى روھى-قىياپىتى، دۇرۇس ئىستىلىنى نامايەن قىلدى .

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ« «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزامى»، «ئىككىنى ئۆگىنىش بىر بۇلۇش» ۋە پارتىيە پاكلىق قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قۇغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پاكلىق تەلەپچان بۇلۇش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ياخشى بولغان پاكلىق مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىلدى .

      توقسۇ ناھىيەلىك ئىچئېرىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۆمىن قاھار مۇسابىقىنى كۆرگەندىن كېيىن تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن توقسۇ ناھىيەمىز  تەشكىللىگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزامى بىلىملىرى بۇيىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن خۇشال، بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىناق، تىنچ، گۈزەل توقسۇ قورۇپ چىقىش ئۈچۈن، تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.»

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى «ئىككىنى ئۆگىنىش بىر بۇلۇش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزام»نى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسى مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  تەشكىلىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، رەھبىرى كادىرلار ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىزام»نى تەشۋىق قىلىش خىزمەتلىرىدە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .

 

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت

 

 

© http://zw.dqmvi.com  泥灰岩段网    版权所有