您现在的位置:
发布时间:2022-05-16 21:28:15
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدىرىس خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ توخۇلا يېزا تۆۋەنكى سوبلاق كەنتىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى مەبلەغ توپلاپ قۇرغان«ئادۋوكاتلار خىزمەت پونكىتى» 4 - نويابىر رەسمى پۈتۈپ ئىشقا كېرىشتۈرۈلدى.
تۆۋەنكى سوبلاق كەنتىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خالمۇراد نەسىردىن مۇنداق دېدى :«كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا كەنت ئاھالىلىرنىڭ قانۇن - تۈزۈم كۆز قارشىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىدۇق، ئۇلار قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە يولۇققاندا بىزنى ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ، بىزمۇ بەزى بىر ئىنىچكە ھالقىلارنى چۈشەندۈرۈپ كېتەلمىگەچكە مۇشۇ خىزمەت پونكىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاممىغا قانۇن مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇدۇق».
شىنجاڭ شېڭ تىيەن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن تۇرسۇن ياسىن مۇنداق دېدى :«بۇ خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇھىتى خېلى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ مەنمۇ رازى بولدۇم، ئاپتونوم رايونلۇق قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتكە ئادۋوكاتلار خىزمەت پونكىتىنى قۇرۇپ بەرگەنلىكىگە كەنت ئاھالىلىرىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پونكىتنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىمەن».
25 ياشلىق تۇراخۇن تۇردى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش داۋامىدا تىراكتور ئۆرۈلۈپ كېتىپ، داۋالىنىشقا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلدى، تۇراخۇن تۇردىنىڭ قانۇن سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمىدى، خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى ئېلىپ باردى.
توخۇلا يېزا تۆۋەنكى سوبلاق كەنتىدىن تۇراخۇن تۇردى مۇنداق دېدى :«2014 - يىلى 10 - ئايدا باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقاندا قاتناش ھادىسسىگە يولۇقۇپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن زور زىيان تارتتىم، قانۇن بىلمىگەچكە ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەن西宁癫痫医院پەئەتىمنى قوغدىيالمىدىم، كېيىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ماڭا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ بەردى، خىزمەت گۇرۇپپىسغا كۆپ رەھمەت، سوت نەتىجىسى پات ئارىدا چىقىدۇ، بۇ سوتتا يېڭىپ چىقىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىزمەت پونكىتىنى، كەنىتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، بۇ پونكىتنىڭ قۇرۇلۇشى ئاممىغا قانۇندىن مەسلىھەت سوراش، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقاتى، مۇرەسسە قاتارلىق ھەقسىز، قولايلىق، تېز، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
安徽最好的癫痫医院توخۇلا يېزا تۆۋەنكى سوبلاق كەنتىدىن ئايىمنىسا قۇربان مۇنداق دېدى :«كەنتىمىزدە ئادۋوكاتلار خىزمەت پونكىتىىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇق، كەنتتە تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ بارسا كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ھەممىمىزنىڭ قانۇن ئېڭى كۈچەيدى، ئەڭ ئاددىيسى ئائىلىمىزدە زىدىيەت يۈز بەرسە ئىلگىرى قانداق قىلىشنى بىلمەيتتۇق، ھازىر قانۇنغا تاينىپ ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى قوغداشنى بىلىۋالدۇق، مۇشۇ خىزمەت پونكىتىنى قۇرۇپ بەرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز».
مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز