您现在的位置:

相片判读 >> 正文 >

4-ئىيۇن ئەتىگەنلىك خەۋەر يانفۇن گېزىتى 新闻网

4-ئىيۇن پەيشەنبە ئەتىگەنلىك خەۋەر

2015-يىللىق 249–سان ئومۇمىي 699–سان

ئوچۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا30 مەيىن شامال

تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

 

قىزىق نۇقتا

 

دېھقان سەنئەتكارلار ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىلىش سەھنىسىگە چىقتى

2-ئىيۇن، ئاۋات ناھىيە ئايباغ يېزىسى «ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باش تېمىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى 80دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى سەنئەتكارلار 3000دىن ئارتۇق ئاممىغا «مەپتۇنكار ئايباغ»، «شىنجاڭنى سۈيۈش، ئىتتىپاقلىقنى سۈيۈش»، «بىر ئائىلە كىشىلىرى» قاتارلىق 17 نادىر نومۇرلار ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

 

«ئۈچ ئەل» پائالىيىتى

ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ شايار بازىرى يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت گورۇپپىسىدىكى ئەزالار كەنت يولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. خىزمەت گورۇپپىسى ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تۈر ۋە مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى كەنت 2-گورۇپپىسىغا 2.4كىلومېتىر ئارلىقنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قېيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

 癫痫病不发作时能检查出来吗?n>

«ئۈچ ئەل» پائالىيىتى

2-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ جىنشىڭ يۈشىياڭ توغراقچىلىق چەقلىك شىركىتى شايار ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق بۇ شىركەتتىن قاتناشقان ماھىرلار شەخسلەر بويىچە 2-دەرىجىگە ۋە كوللىكتىپ 2-دەرىجىگە ئېرىشتى.

 

ئاقسۇ خەۋەرلىرى

مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتىدىن ئىگىللىشىچە، 2-نۆۋەتلىك ئاقسۇ يەرلىك مەھسۇلاتلار سودا يىغىنى 16-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە ئاقسۇ خەلقئارا كۆرگەزمىخانىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق يەرلىك مەھسۇلاتلار سودا يىغىنى «سودا ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، رايونلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى باش تېما قىلغان بولۇپ، تەشۋىقات قىلىش ۋە مەخسۇس يىغىنغا بىرلەشتۈرۈپ سېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن.

 

ئاقسۇ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪىكى ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ئورۇن، ﻛﻪﻧﺖ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ بەرپا قىلىش ﭘﺎﺋﺎلىيىتىنى چوڭقۇر ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭۇپ، ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ئاممىسى ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﻪﻥ-تېخنىكىنى ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻣﯘقىملىقنى ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. (ئىختىيارىي ﻣﯘﺧﺒﯩﺮىمىز نىياز ساتتار خەۋىرى)

 

ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىكى ماشىنلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەشۋىقات پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى بىخەتەرلىك تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى)

 

ئاقسۇ خەۋەرلىرى

3-ماي،كەلپىن ناھىيەسى 5-قېتىملىق«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت خەۋىرى)

 

 شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-ئىيۇن 21 نەپەر داڭلىق كىشىلەرنىڭ شام ھەيكىلى ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرلۇق يولى ئەسىر گۈللۈكى دەۋر مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى شام ھەيكەل سارىيى بولۇپ، جوبىس، لى جياچېڭ، فەن بىڭبىڭ قاتارلىق 21 داڭلىق كىشىنىڭ شام ھەيكىلى كۆرگەزمە قىلىندى.(خەلق تورى خەۋىرى)

 

شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-ئىيۇن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى 5 پەن-تېخنىكا سارىيى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.بۇلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا سارىيى، غۇلجا شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيى ۋە شىخەنزە پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلار.(خەلق تورى خەۋىرى)

 

 مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭ «شەرق» پاراخوت شىركىتىنىڭ نەنجىڭدىن چۇڭچىڭغا كېتىۋاتقان «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى 1–ئىيۇن سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇنغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتتى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغان پاراخوتتا 458 كىشى بولۇپ، 406 سى ساياھەتچى ئىكەن.(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

 

 

 مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سەن بىلەن بىرگە ـــ دورائېموننىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆرگەزمىسى» 1-ئىيۇن بېيجىڭنىڭ شىدەن دايۆ شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ماشىنا مۈشۈك دورائېمون كارتون فىلىمىنىڭ مەستانىلىرى كۆرگەزمىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە 1-ئىيۇندىن 30-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

 

كۈندە بىر جۈمىلە

 

قولى گۈل

心灵手巧

xīn líng shǒu qiǎo

 

كۈلكە خۇرۇچلىرى

 

ماشىنا سېتىۋېلىش

ئايالى: قەدىرلىكىم، كۈندە ئاپتوبۇستا قىستاڭشىپ يۈرگەندىن ماشىنا سېتىۋالايلىچۇ؟

يولدىشى: چاتاق يوق، ئەمىسە بېنزدىن بىرنى سېتىۋالايلى، ماي تېجەيدۇ، بىخەتەر.

ئايالى: مېنىڭچە يەنىلا QQ نىڭ ياخشىمىكىن، نېمىلا بولمىسۇن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نامى چوڭ ئەمەسمۇ؟

يولدىشى: ......

 

ئەسكەرتىش: 10658600غاAWBياكىAwb  ياكىawbنى يوللاپ ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىغا مۇشتەرى بولۇڭ. قالدۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز 10658600غاQXAWBياكىQxawbياكىqxawbنى يوللاڭ. ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاقسۇ ئاخبارات تورىغا كىرىڭ : 

مەسئۇل مۇھەررىر،تەكشۈرگۈچى: مەدىنۇر ئەخمەت

باش تەكشۈرگۈچى: ئامىنە ياخشى

© http://zw.dqmvi.com  泥灰岩段网    版权所有