您现在的位置:

相片判读 >> 正文 >

دادامنىڭ ۋېلىسىپىتى ئەدەبىي ئەسەرلەر新闻网

 

 (ھېكايە)

رەھىمە ئابدۇراھمان

ئېسىمنى بىلسەم، دادامنىڭ ‹‹كەپتەر›› ماركىلىق ۋېلىسىپىتى بارئىكەن. دادام ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ۋېلىسىپىتىنى ماختاپ ئۇچۇراتتى. دائىم كۆك رەڭلىك نېپىز لېنتا بىلەن ۋېلىسىپىتنىڭ راملىرىنى يۆگەپ بېزەپ چىقاتتى. تەتىل مەزگىلىدە دادام چوڭ ھەدەمنى ۋېلىسىپىتىنىڭ ئالدىغا، مەن بىلەن كىچىك ھەدەمنى كەينىگە مىندۈرۈپ يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەتتى. يولدا ئاندا – ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان ئاپتوموبىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ۋېلىسىپىت شۇ زامانلاردىكى بىردىنبىر ئىلغار قاتناش قورالى ئىدى. يوللار ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، مۇھىت تولىمۇ ساپ ۋە گۈزەل ئىدى. يول ياقىسىدىكى تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىدا چاڭىلداپ سايراۋاتقان قۇشلار، يەلكىسىنى ئاپتاپقا تۇتۇپ ئورما ئورۇۋاتقان ھەم خامان تېپىۋاتقان دېھقانلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى، جىرالاردا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار، تۆپىلىكلەردە ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ گۈللەر كىشىنى زوقلاندۇراتتى. بىز دادامنىڭ ئاشۇ ۋېلىسىپىتى بىلەن يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئالا قويماي يوقلايتتۇق. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقى مەزگىلىدە دادام ۋېلىسىپىتىنىڭ رولىنى يېزا تامان توغرىلايتتى.

-بالىلىرىم، ماڭدۇقما؟ ئەمسە چىڭ ئولتۇرۇڭلار ھە! ،دەپ قويۇپ، پىدالنى كۈچ بىلەن تېپەتتى. گاھىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېزا يولىدا مۈگدەپمۇ قالاتتۇق. پۇتلىرىمىزنى ۋېلىسىپىت چاقى قىسىۋالغاندا، ئەنسىز چىرقىراپ يىغلىشىپ كېتەتتۇق. مۇنداق چاغدا دادام:

-ئاناڭلار ئاڭلاپ قالمىسۇن جۇمۇ، بولمىسا ۋېلىسىپىتكە ئولتۇرغۇزمايدۇ،- دەيتتى. بىز دادام بىلەن ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتىگە قەۋەتلا ئامراق بولغاچقا، بولغان ئىشلارنى ئانامغا پەقەت تىنمايتتۇق.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن دادامنىڭ ۋېلىسىپىتىنى مىنىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. مەندىن بۇرۇن ھەدىلىرىم بۇ ۋېلىسىپىتنى تولا سۆرەپ جۇلۇقىنى چىقىرىۋەتكەچكە، ‹‹ۋاي›› دېگۈدەك يېرى قالمىغانىدى. بويۇمنىڭ پاكار، ئورۇق ھەم ۋىجىك بولغىنىمغا قارىماي، بەكمۇ شوخ ئىدىم. ۋېلىسىپىتنى ماڭدامدا بىر يىقىتىپ، ‹‹باش – كۆزىنى›› ئۇرۇپ – سوقۇپ، تەلتۆكۈس ‹‹مېيىپ›› قىلىۋېتەتتىم. مۇنداق چاغدا دادام ۋېلىسىپىتتىن كۆرە بەكرەك مەندىن ئەنسىرەپ乌海看癫痫比较好的专科医院N-US">:

-بىرەر يېرىڭنى ئاغرىتىۋالمىغانسەن قوزام؟ سېنىڭ شۇ ئوغۇل بولۇپ يارىلىپ قالمىغانلا يېرىڭ بار. ۋېلىسىپىت كاردىن چىقسا ھېچ گەپ يوق، مۇھىمى ئۆزۈڭنى ئاۋايلا،- دەيتتى.

رەھمەتلىك دادام بىر ئىشقا ئالدىراپ خاپا بولۇپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەمىشە ۋېلىسىپىتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ياساپ بېرەتتى. مەن دادامنىڭ ئاشۇ ۋېلىسىپىتى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈۋالدىم. ئالىي مەكتەپكە كەتكەن يىللىرى دادامنىڭ ۋېلىسىپىتىنى پەقەتلا ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. ئۇنى ئويلىساملا دادامنىڭ بىزنى ۋېلىسىپىتكە مىندۈرۈپ، يېزىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئېلىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى. ئۇلار ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى. ئۆتمۈش بولغاندىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتمۈش ئىدى.

بىر يىلى تەتىلدە يۇرتقا كەلسەم، دادام يەنە ۋېلىسىپىتى بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ۋېلىسىپىتىنى قايتىدىن چۇۋۇپ، پاكىز ئادالاپ، داتلىشىپ كەتكەن يەرلىرىگە ماي بېرىپ پارقىرىتىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا رەڭلىك لېنتىنى ئېرىنمەي يۆگەپ، بىر چىرايلىق قىلىۋەتتى. دادام ئۆزىمۇ رەتلىك، سەرەمجان ئادەم بولۇپ، ئائىلە جابدۇقلىرىنى شۇنداق پاكىز تۇتاتتى. مەن دادامغا:

- بولدى قىلە دادا، ھازىر زامان ئۆزگەردى، ۋېلىسىپىتنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. مەن خىزمەتكە چىقىپ، جىق پۇل يىغىپ، ساڭا ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن، دېسەم،- دادام قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:

- ۋاي، ئوماق قىزىم، دېگەنلىرىڭ راست، دەۋر ئۆزگەردى. مەنمۇ قېرىدىم، ئەمدى ئۇنى مىنەلمەيمەن، تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساقلاپ قوياي دەۋاتىمەن شۇ،- دېگەنىدى.

-ساقلاپ؟ مۇشۇ ئەبجەق نەرسىنىمۇ؟- دېسەم، ئۇ يەنە:

-ئاپئاق قىزىم، نېمە دېسەم بولار؟ كۆزۈڭگە سىغمايۋاتقان بۇ ‹‹شەيتانچاق›› بىزنىڭ كەچمىشلىرىمىزنىڭ شاھىتى. سىلەر ئۇنتۇغان بىلە癫痫病治疗ن مەن ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن. سىلەرنىڭ دەۋرىڭلار ھەقىقەتەن ماشىنىلاشقان دەۋر بولىدۇ. ماشىنىلاشقان دەۋردە يول قىسقىرىغان بىلەن، ئىش ئاۋۇپ كەتكەندەك، ئارىلىق يېقىنلاشقان بىلەن، كۆڭۈل يىراقلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما ساڭا دەپ قوياي، ماشىنا ئالغاندا ئۆزۈڭ ماشىنىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقىلىنارسەن... دېگەنىدى.

شۇنداق، دادام دېگەن ماشىنىلاشقان دەۋر ئاخىر يېتىپ كەلدى. يوللار نۇر تېزلىكىدە قىسقىراپ، ئىش ئاۋۇپ كەتتى. ئالدىراشلىقتىن دادام رەھمەتلىك ئېرىنمەي بىزنى ۋېلىسىپىتىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭىدىغان يېزا يوللىرىغا ئۇ يىلدىن – بۇيىلغا بىر قېتىم قەدىمىمىز يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. دادام توغرا ئېيتقان ئىكەن. مەن بىلىپ – بىلمەي ماشىنىغا ئايلىنىپ كېتىپ باراتتىم. شۇ تاپتا، بىر قېتىم بولسىمۇ بالىلىققا قايتىش پۇرسىتى نېسىپ بولغان بولسا دادامنىڭ ۋېلىسىپىتىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ، يېزا يوللىرىدا يەنە بىر قېتىم مېڭىۋالغان بولسام ھە، دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

 

© http://zw.dqmvi.com  泥灰岩段网    版权所有