您现在的位置:

相片判读 >> 正文 >

كۇچا ناھىيەسىدە قۇربان ھېيتلىق بىرلەشمە ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى سۈرەتلىك خەۋەر新闻网

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)  كۇچا ناھىيەسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە قۇربان ھېيتىنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 24- سېنتەبىر كۈسەن مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزى زالىدا ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

كېچىلىكتە، ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسم سەنئەت ئۆمىكى، كۈسەن ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى، ياشانغانلار خىزمەت كومىتېتى سەنئەت ئەترىتى  ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، بالىلار يەسىلىلىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان «گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارۇزسىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشايلى» ، «ۋەتەنگە مەدىھيە»، «شانلىق 60 يىل» ، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل، ئېتوت قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرنى ئورۇنلاپ، كېچىلىككە قاتناشقان ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بەختىيار تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلىدى.

 

 

 

 

 

 

 

 

سۈرەتتە : 24 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق بىرلەشمە ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز 

© http://zw.dqmvi.com  泥灰岩段网    版权所有