您现在的位置:

相片判读 >> 正文 >

توقسۇ ناھىيەلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ناھىيە بازىرىدا كۆچمە تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ باردى

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سىدىق مىجىت خەۋەر قىلىدۇ)  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 9 – ئاۋغۇست،  توقسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكى كادىر - ساقچىلار ناھىيە بازىرىدا «ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، بىخەتەر يول يۈرەيلى» تېمىسىدا كۆچمە تەشۋىقات پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، شوپۇرلار ۋە كەڭ ئاممىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ توكسېكىلىت باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن –نىزام بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

ئىگىلنىشچە، تەشۋىقات پائالىيتىدە 3280 پارچە تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىلىپ، 940 كىشىگە «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىن ئەتراپلىق مەسلھەت بېرىلگەن.

سۈرەتتە: قاتناش ساقچىسى ئاممىغا ئىلگىرى يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەكتە

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

© http://zw.dqmvi.com  泥灰岩段网    版权所有